Twinmotion بولسا 3D قۇرۇلۇش ۋە لايىھىلەش ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال بۇلۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق قۇرۇلۇش ۋە لايىھىلەرنىڭ 3D مودېلىنى ياساپ، لايىھىلەرنىڭ ھەقىقىي ۋە جانلىق كۆرۈنۈشىنى تېز ۋاقىت ئىچىدە ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. Twinmotion ئارقىلىق ھەتتا ھەقىقىي ۋاقىتلىق ۋىرتىئال رېئاللىق (VR) ھاسىل قىلىپ، لايىھىلەرنى ھەقىقى رېئاللىق دەرىجىسىدە كۆز ئالدىمىزغا ئەكەلگىلى بۇلىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق قۇرۇلۇش ۋە لايىھىلەرنىڭ ھەقىقىيلىكىنى تەسۋىرلەش، ۋىدىئو ۋە رەسىملەرنى تېز ۋاقىت ئىچىدە ھاسىل قىلىش ۋە بىر تۈرنى ھەمكارلىشىپ تاماملاش قاتارلىق مەخسەتكە يەتكىلى بۇلىدۇ. Twinmotion نى ئاساسەن ئارخىتېكتورلار، لايىھىلىگۈچىلەر ۋە قۇرۇلۇشچىلار كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.
يۇمشاق دېتال نامى: Twinmotion 2019
سىغىمى: 5.24GB
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

