Autodesk Inventor بولسا ئۈچ ئۆلچەملىك ماشىنا-ئۈسكۈنە لايىھەلەش ۋە سانلىق مودېللاش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، Autodesk شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان. بۇ دېتال ماشىنا بۆلەكلىرىنى ئايرىم-ئايرىم لايىھەلەش، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ پۈتۈن بىر مەھسۇلات ياساش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۈچلۈك سىمۇلياتسىيە ئىقتىدارى بىلەنمۇ تەمىنلەنگەن. سىمۇلياتسىيە ئىقتىدارى ئارقىلىق لايىھەلەنگەن مەھسۇلاتنى ياساشتىن بۇرۇن كومپيۇتېردا سىناپ كۆرۈش، مەسىلەن ماشىنا بۆلەكلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش، مەھسۇلاتقا چۈشىدىغان بېسىمنى ھېسابلاش ۋە ھەر خىل شارائىتتىكى ئىشلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. بۇنىڭ بىلەن مەھسۇلاتنى ياساشتىن بۇرۇن كۈرۈلىدىغان مەسىلىلەرنى بايقاپ تۈزىتىش، ۋاقىت ۋە مەبلەغنى تېجەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پارامېتىرلىق لايىھەلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر پارچىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتكەندە، ئۇنىڭغا باغلانغان باشقا پارچىلارمۇ ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، بۇ دېتال ھازىر ماشىنىسازلىق، سانائەت ئۈسكۈنىلىرى ۋە مېتال مەھسۇلاتلار لايىھەلەش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلماقتا.
يۇمشاق دېتال نامى: Autodesk Inventor 2018
سىغىمى:7.68GB
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

