Digital Film Tools دېگەن بۇ قورال سىن-فىلىملەرنىڭ رەڭ ۋە يورۇقلۇقىنى تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدىغان كۈچلۈك بىر قوشۇمچە قىستۇرما دېتال بۇلۇپ. بۇ قورال ئارقىلىق سىز سىن-فىلىملەرگە ھەر خىل نۇر ئۈنۈملىرىنى قوشالايسىز، رەڭلەرنى خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز ۋە كەسپىي دەرىجىدىكى سۈزگۈچ ئۈنۈملىرىنى قوللىنالايسىز. بۇ قورال بولۇپمۇ كىنو فىلىم ئىشلەپچىقىرىش، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ۋە تور ۋىدىئولىرىنى ئىشلەشتە كەڭ قوللىنىلىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىلىق سىزنىڭ سىنلىرىڭىز كەسپىي كىنوغا ئوخشاش سۈپەتكە ئىگە بولالايدۇ. مەزكۇر قىستۇرما بىر كونوپكا ھالىتىدە قاچىلىنىدىغان ھالەتتە تەڭشەلگەن بۇلۇپ، سىزنىڭ قاچىلاش جەريانىدا ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن مۇرەككەپ بولغان تەڭشەش جەريانىنى قىلىشىڭىزنىڭ زۈرۈرىيتى يوق.
مەزكۇر قىستۇرما دېتال win64bit نەشىرىدە نورمال ئىشلەيدىغان بۇلۇپ win32bit ياكى ئالما مەشخۇلات سېستىمىسىدا نورمال ئىشلىمەيدۇ.
قوللايدىغان يۇمشاق دېتال نەشىرى:
PR CC 2015, 2017, CC 2018, CC 2019, 2020, 2021, 2022, 2023 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى نەشىرى
