Adobe FrameMaker بولسا بىر خىل بەت ياساش ۋە نەشريات ساھاسىدە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال بۇلۇپ، ئۇ بەي ياساش، قوللانما، كىتاب، دوكلات قاتارلىق مەزمۇنلارنى رەتلەپ بەت ياساپ بېسىشقا تەييارلاش ۋە تەھرىرلەش ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ كۈچلۈك بولغان بەت ياساش ئىقتىدارى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوماتىك بەت نومۇرى ھاسىللاش، مۇندەرجە ھاسىللاش، ئۆزئارا ئالماشۇرۇپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۈتۈرىدۇ. FrameMaker يەنە DOC،PDF،XML قاتارلىق كۆپ خىل ھۆججەت فورماتلارنى قوللايدۇ، ئىشلەتكۈچىگە ھەرخىل سۇپىلار ئارىسىدا ئورتاق ئىشلىتىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە كۆپ تىل قوللاش ئىقتىدارلىرى بار بولۇپ، كۆپ تىل ماتىرياللىرىنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىپ، يەر شارىۋى نەشر ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ھەرخىل ماتىريال تۈزگۈچىلەر، نەشرياتتچىلار ۋە لايىھەلىگۈچىلەر ئۈچۈن Adobe FrameMaker بىر خىل زۆرۈر بولغان يۇمشاق دېتال بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
يۇمشاق دېتال نامى: Adobe FrameMaker(Fm)2017
سىغىمى: 1.85GB
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

