Affinity Photo – رەسىم تەھرىرلەش ساھەسىدىكى يېڭى يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئۇ Photoshop قا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئەرزان. بىر قېتىملىق سېتىۋېلىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ، ھەر يىلدا بىر قېتىم ئايرىم سېتىۋېلىش كەتمەيدۇ.
Affinity Photo نىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى رەسىم تەھرىرلەش، رەڭ تۈزىتىش، قەۋەت بىلەن ئىشلەش ۋە سۈزگۈچ ئۈنۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ RAW فورماتلىق رەسىملەرنى بىۋاسىتە تەھرىرلىيەلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال رەسىم تەھرىرلەش، فوتوگرافىيە، گرافىك لايىھەلەش ۋە رەسىم سىزىش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا.
يۇمشاق دېتالنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى،خىزمەت سۈرئىتى تىز، كومپىيۇتىرغا نىسپەتەن ئارتۇقچە يۇقۇرى سەپلىمە تەلەپ قىلمايدۇ، بۇلۇپمۇ خىزمەت جەريانىدا ئارتۇقچە ئىچىكى ساقلىغۇچ ئىگەللىمەيدۇ. ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، Photoshop نىڭ فورماتلىرىنىمۇ قوللايدۇ. ئەمما قوشۇمچە دېتاللىرىنىڭ ئازلىقى ۋە ئىشلەتكۈچىللىرىنىڭ Photoshop غا سېلىشتۇرغاندا ئازلىقى ئۇنىڭ ئاساسلىق كەمچىلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە بۇ يۇمشاق دېتال يېڭى چىققان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىقتىدارلىرى ۋە مۇۋاپىق باھاسى بىلەن كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېتىبارىنى قوزغاپ، ھازىرقى زامان رەسىم تەھرىرلەش ساھەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتماقتا.
يۇمشاق دېتال نامى: Affinity Photo 1.7.3
سىغىمى:363MB
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

