Autodesk SketchBook Pro – رەقەملىك رەسىم سىزىش ۋە تېز سىزما سىزىشقا مەخسۇس ياسالغان يۇمشاق دېتال. بۇ يۇمشاق دېتال ئاددىي ھەم قوللىنىشچان كۆرۈنمە يۈزى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈرلۈك سىزىش قوراللىرى، قەلەم خىللىرى ۋە رەڭ تاللاش ئىقتىدارلىرى بار. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى، سىزىقلارنى سىلىق ۋە تەبىئىي چىقىرالايدۇ، بولۇپمۇ قول بىلەن سىزىلغان سىزمىلارغا ئوخشاش كۆرۈنۈش ھاسىل قىلالايدۇ. كومپيۇتېر، تاختا كومپىيۇتىر ۋە يانفوندا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ، رەسىم سىزىش تاختىسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنى سەنئەتچىلەر، لايىھىلىگۈچىلەر ۋە رەسىم سىزىش ھەۋەسكارلىرى كۆپ ئىشلىتىدۇ. ھازىر بۇ يۇمشاق دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى ھەقسىز ھالەتتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال نامى: SketchBook Pro 2019
سىغىمى: 432MB
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

