بۇ تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان سىستېما پەقەت شەخسىي ئۆگىنىش ۋە سىناش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. چۈشۈرگەندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈۋېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بارلىق سىستېمىلار ئاكتىپلانمىغان بولۇپ، Microsoft نىڭ ئەسلى نۇسخا ئاچقۇچىنى سېتىۋېلىشىڭىزنى قوللايمىز.
بۇ نۇسخا Windows 11 24H2 نىڭ رەسمىي نۇسخىسى ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، شەخىسنىڭ قىززىقىشى بۇيىچە ئاددىيلاشتۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈپ تەييارلانغان بۇلۇپ، Windows11 ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن يىڭىلاش ئىلتىماس ياكى يىڭىلاش بۇيرۇقلىرىنى قۇبۇللىمايدۇ، يەنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش جەريانىدا بۇ ئىقتىدارى چەكلىۋىتىلگەن.  رەسمىي Windows 11 24H2 نۇسخىسى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، 12-15 ئەۋلاد CPU لىق كومپيۇتېرلاردا ئىشلىتىشكە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تورسىز مۇھىتتا ئەسلى نۇسخا ئاساسىدا ئۈستەل يۈزى كۈرۈنمە رەسىم ئۆزگەرتىلگەن، ۋەزىپە ئىستونى سۈزۈك قىلىنغان، ئىجرا قىلىش ئامبىرى ۋە خەت نۇسخىلىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن. بۇ نۇسخىدا Hyper ۋە Linux ساقلاپ قېلىنغان. Windows11 نىڭ قاتتىق دېتال تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئاپتوماتىك ھالدا ئاتلايدۇ، ئۆزى ھېسابات قۇرۇش ئارقىلىق تورغا ئۇلانماي تۇرۇپمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ، يەنى Microsoft ھېساباتىغا كىرىشنى ئاتلاپ كەتكىلى بولىدۇ. ئارقا سۇپا جەريانلىرى ۋە مۇلازىمەتلەر ئەلالاشتۇرۇلغان، كۈندىلىك ئاز ئىشلىتىلىدىغان بۆلەكلەر ئىخچاملاشتۇرۇلغان. سۈرئەت ۋە ئىقتىدارى ئەسلى نۇسخىدىن ياخشىراق. مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن سىستېما تور ئۇلانمىغان ھالەتتە ئىخچاملاشتۇرۇلغان ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان، ئىككىنچى قېتىم قاپلانمىغان. سىستېما پاكىز، تېز، ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى يوق. ئىشخانا خىزمەتلىرىگە ئاساسەن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دوستلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى ۋە پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز!
Windows 11 24H2 نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى:
كۆرۈنمە يۈز ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە: Windows 11 24H2 نىڭ ھۆججەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى چوڭ دەرىجىدە يېڭىلاندى. كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ ئاددىي ۋە ئېنىق، تۈرگە ئايرىش، ئىزدەش ۋە ئالدىن كۆرۈش تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، سىستېما كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ گۈزەل ۋە ئىشلىتىشكە قۇلاي، HDR تەگلىك رەسىم ۋە ياخشىلانغان باشلاش تىزىملىكىنى قوللاپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىقتىدار جەھەتتە: Windows 11 24H2 چوڭ ھۆججەت ۋە چوڭ ھۆججەت قىسقۇچلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈرئەت چۈشۈپ كېتىش ۋە كېچىكىش ھادىسىسىنى ئازايتىپ، تېخىمۇ راۋان مەشغۇلات تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يادرو ئۆزگەرتىلىپ WiFi 7 نى قوللايدىغان بولدى، سىستېمىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىمسىز تور سۈرئىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تور ئۇلىنىشقا ئېھتىياجلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ.
يېڭى ئىقتىدارلار جەھەتتە: Windows 11 24H2 يېقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارغا تېز زىيارەت قىلىش ئىقتىدارى، شۇنداقلا تېخىمۇ تىز بولغان ھۆججەت ئىزدەش تەۋسىيەسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ھۆججەت باشقۇرۇشنىڭ قۇلايلىقىنى ئۆستۈردى.
Windows ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ سىستېما، ئىشلىتىش جەريانىدا ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ چىقىشى مۇقەررەر. بەزى مەسىلىلەر ئىخچاملاش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتىن كېيىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولماسلىقى مۇمكىن. ئىخچاملاش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتىن باشقا، بۇ مەسىلىلەر كومپيۇتېر سەپلىمىسى، قاتتىق دېتال ماسلىشىشچانلىقى، قوزغاتقۇچ نۇسخىسى، 360 خوجىدارى قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ئەلالاشتۇرۇش قۇراللىرى ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇش، باشقا پىروگرامما ۋە قاچىلاش قوراللىرى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئىخچام نۇسخىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز ياكى مەسىلىگە دۇچ كېلىشتىن ساقلانماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئەسلى نۇسخىنى سىناپ، مەسىلە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن بۇ بەتتىكى ئىخچام سىستېمىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ھەممەيلەننىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا رەھمەت.
سېستىمىغا مۇناسىۋەتلىك كەسمە سۈرەتلەر:
بۇ تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان سىستېما پەقەت شەخسىي ئۆگىنىش ۋە سىناش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. چۈشۈرگەندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈۋېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بارلىق سىستېمىلار ئاكتىپلانمىغان بولۇپ، Microsoft نىڭ ئەسلى نۇسخا ئاچقۇچىنى سېتىۋېلىشىڭىزنى قوللايمىز.
بايانات: مەزكۇر بەتتە تارقىتىلغان قىسمەن ماتىرياللار تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان بۇلۇپ، ھەرقانداق شەخىس ياكى تەشكىلاتنىڭ ھەر قانداق باھانە سەۋەپ بىلەن خالىغانچە كۈچۈرپ تارقىتىشىغا ۋە ياكى باشقا بىلوگ، ئۈندىدار، ئاممىۋى سۇپىلاردا تارقىتىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ، بارلىق سۈرەت، سىن، ئاۋاز، يۇمشاق دېتال، قىستۇرما ... قاتارلىقلارنىڭ نەشىر ھۇقۇقى ئەسلى ئىگىسىگە تەۋە بۇلۇپ، مەزكۇر بەت پەقەت ئۈگۈنۈش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن. مۇبادا ئۆز ئالدىڭىزغا خالىغانچە سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتسىڭىز كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە، مەزكۇر بەت بۇ سەۋەپلىك كىلىپ چىققان ھېچقانداق ماجراغا مەسئۇل بولمايدۇ. مۇبادا نەشىر ھۇقۇقى دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن بىللە 1336747035@qq.com ئېلخەت ياكى تور بەت ئاستىدىكى ۋېيشىن نۇمۇرى بىلەن ئالاقىدە بۇلۇپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بۇلىدۇ. بىز 24 سائەت ئىچىدە ئۈچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ سىزنىڭ نەشىر ھۇقۇقىڭىزنى قوغدايمىز.