Adobe Photoshop Lightroom Classic – مەخسۇس سۈرەت تەھرىرلەش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسالغان يۇمشاق دېتال. بۇ يۇمشاق دېتال سۈرەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە ماس ھالدا لايىھەلەنگەن.بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تەرتىپلىك باشقۇرالايدۇ. سۈرەتلەرنى ۋاقىت، ئورۇن ۋە تۈرگە قاراپ باشقۇرۇشقا بولىدۇ. سۈرەتلەرنىڭ رەڭگىنى توپ ھالدا تەڭشىيەلەيدۇ. RAW فورماتىدىكى سۈرەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تەھرىرلىيەلەيدۇ. سۈرەتلەرنىڭ يورۇقلۇقى، رەڭگى، ئېنىقلىقى قاتارلىقلارنى ئاسانلا تەڭشىگىلى بولىدۇ. تەڭشىگەن ئۇسلۇبنى ساقلاپ قويۇپ، باشقا سۈرەتلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن سۈرەتلەرنى ئوخشاش ئۇسلۇبتا تېز تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنى كەسپىي سۈرەتچىلەر، توي سۈرەتچىلىرى ۋە سۈرەت ھەۋەسكارلىرى كۆپ ئىشلىتىدۇ. Adobe نىڭ باشقا يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ياخشى ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ. سۈرەتلەرنى بۇلۇت سۇپىغا زاپاسلاش ئىقتىدارىمۇ بار.

