Photoshop 2025 Beta نەشرىدىكى Neural Filters سۈنئىي ئەقىلنى ئىشلىتىپ رەسىملەرنى ئاسانلا تەھرىرلەشكە ياردەمدە بۇلالايدۇ. بۇ نەشرى Deep Neural Filters نى تونۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ تەھرىرلەش ئىقتىدارلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن، رەسىمنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش ياكى ھەرىكەت ئۈنۈمى قوشۇش. بۇنىڭدىن باشقا، Generative Fill ۋە Generative Similar قاتارلىق ئىقتىدارلار رەسىملەرنى كېڭەيتىش ياكى ئوخشىمىغان نۇسخىلارنى يارىتىشقا ياردەم بېرىدۇ. Photoshop 2025 يەنە RAW رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشىلاپ، تەھرىرلەرنىڭ تېخىمۇ كەسپىي كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ سۈزگۈچلەر رەسىم سۈپىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلمايدىغان بولۇپ، دەسلەپكى رەسىمنى ساقلاپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى چەكلپ قويمايدۇ. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، بۇ Beta نەشرى بولغاچقا، بەزى ئىقتىدارلار سىناقتا بولۇپ، كەلگۈسى يېڭىلانمىلاردا تۈزىتىلىشى مۇمكىن.
- بۇ سۈزگۈچ بولىقى پەقەت Windows سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
- مەزكۇر سۈزگۈچ ئۈنۈم تۆت چوڭ ئىقتىدارغا بۆلۈنگەن: پورتىرېت، ئىجادىيەت، رەڭ، فوتوگرافىيە ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
- ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش ۋە رەڭ لاھىيە ئۈنۈم ئالدىن تەڭشەلمىلەرنى تۇلۇق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

