FoneDog Toolkit for Android بۇ يۇمشاق دېتال ئاندىرويىد تېلېفونلار ئۈچۈن ياخشى بىر سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش قورالى بولۇپ، ئۇ بىخەتەر ۋە تېز شەكىلدە ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىدىن ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، ئۈستىگە root قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال ئېكرانى بۇزۇلغان تېلېفونلاردىن سانلىق مەلۇمات ئېلىش، ئۈسكۈنىدىكى مەلۇماتلارنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېلېفون نومۇرلىرى، قىسقا ئۇچۇر، سۆزلىشىش خاتىرىسى، سىن ۋە سۈرەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ. يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي، پەقەت مۇۋاپىق تاللاشلارنى تاللاپ، كۆرسەتمىلەر بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ. ئاسان چۈشىنىشلىك ۋە قولايلىق.
ئىشلىتىش قەدەم باسقۇچلىرى: ئۈسكۈنىنى ئۇلاش، تەكشۈرۈش، ئالدىن كۆرۈش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاللاش، ئاندىن ساقلاشنى بېسىپ كۈتسىڭىزلا كۇپايە. بۇنىڭدا قىيىن نەرسە يوق.

