iMyFone AnyRecover v3.0.0.11 بولسا iMyFone AnyRecover شىركىتى چىقارغان كۈچلۈك بىر سانلىق مەلۇمات قايتۇرۇش يۇمشاق دېتالى. بۇ دېتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاددىي ھەم قۇلايلىق، ئۇنىڭ ئارقىلىق يوقالغان، ئۆچۈرۈلگەن ياكى فورمات قىلىنغان ھەر خىل ھۆججەتلەرنى ئاسانلا قايتۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزگىچە سانلىق مەلۇمات قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، شۇڭا سانلىق مەلۇماتنى چەكلىمىسىز قايتۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ. سانلىق مەلۇمات قانداق سەۋەبتىن يوقالسۇن، بۇ قايتۇرۇش قورالى ئارقىلىق ھەممىسىنى دىگۈدەك ئەسلىگە قايتۇرۇشقا بۇلىدۇ. بۇ دېتال تولۇق ھۆججەت قايتۇرۇشنى قوللايدۇ، يەنى ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەر، ئەخلەت ساندۇقىدىكى ھۆججەتلەر، فورمات قىلىنغان دىسكا، يوقالغان بۆلەك قاتارلىق ھەر خىل ھۆججەتلەرنى قايتۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر خىل ساقلاش قوراللىرىدىكى يوقالغان ياكى ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىمۇ قايتۇرۇپ چىقىدۇ، مەسىلەن، ئىچكى ساقلىغۇچ ياكى ھەر خىل ساقلاش كارتىلىرى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، بۇزۇلغان ياكى خاتالىق كۆرۈلگەن قاتتىق دىسكىدىكى يوقالغان ھۆججەتلەرنىمۇ قايتۇرۇپ چىقىدۇ. ھەتتا سىستېما ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان ئەھۋال بولسىمۇ، سانلىق مەلۇماتلارنى قايتۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ.

