DiskDigger بولسا پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە ئەمەلىي ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش قورالى بولۇپ، كومپيۇتېر ئوقۇيالايدىغان كۆپ خىل ساقلاش ۋاسىتىلىرىدىن ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى قايتۇرالايدۇ. بۇنىڭ ئىچىگە قاتتىق دىسكا، USB ساقلىغۇچ، ساقلاش كارتىسى، CD، DVD ۋە يۇمشاق دىسكىلار قاتارلىقلار كىرىدۇ. بۇ قورال كۆپ خىل فورماتتىكى ھۆججەت، ئاۋاز، پرېسلانغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. DiskDigger ھەر بىر دىسكا رايونىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ھۆججەتلەرنى ئىزلاپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە مەلۇماتلارنى قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. قورالنىڭ «dig deep» ۋە «dig deeper» دېگەن ئىككى خىل ئىشلىتىش ھالىتى بار بولۇپ، ھەر قېتىم ھۆججەت قايتۇرماقچى بولغاندا، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قورالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئاددىي، ئىشلىتىشمۇ قولايلىق بولۇپ، ھەجمى كىچىك، بىر مېگابايتقىمۇ يەتمەيدۇ.

