PhotoMaster AMS ФотоМАСТЕР 19.0 – بولسا رۇسىيە AMS سوفتۋېر شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان كۈچلۈك رەسىم تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، 19.0 نۇسخىسدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن. بۇ يۇمشاق دېتال سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا تايىنىپ، بىر كونوپكا بىلەنلا رەسىملەرنى ئاپتوماتىك تۈزىتىپ گۈزەللەشتۈرەلەيدۇ. گەۋدە شەكلىنى ئۆزگەرتىش (بەل ئىنچىكىلەشتۈرۈش، كۆكرەك چوڭايتىش، پۇت ئۇزارتىش)، كونا رەسىملەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رەڭ تەڭشەش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، شۇنداقلا كەسپىي دەرىجىدىكى رەڭ تەڭشەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. بۇ يۇمشاق دېتال نۆل سەۋىيەدىكى رەسىم تەھرىرلەشكە ئالاھىدە قىززىققۇچىلار ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان بۇلۇپ، مۇرەككەپ فوتوشوپ قاتارلىق پروگراممىلاردىن پەرقلىق ھالدا ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاسان. بىر ۋاقىتتا كۆپ رەسىمنى توپ ھالدا بىر تەرەپ قىلالايدۇ، دۇنيا بويىچە نۇرغۇن تىللاردا، بولۇپمۇ رۇسچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللاردا تەمىنلەنگەن. 19.0 نۇسخىسىدا يېڭى ئىقتىدارلار ۋە تېخىمۇ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل ئالگورىتىملىرى قوشۇلغان، شۇنداقلا Windows سىستېمىلىرىدا مۇقىم ئىشلەيدىغان بۇلۇپ، بۇ نۇسخىسى قاچىلىماي ئىشلىتەلەيدىغان يېشىللاشتۇرۇلغان نۇسخىسى. بۇ يۇمشاق دېتال ھەم ھەۋەسكار فوتوگرافچىلار ھەم ئائىلە ئالبوملىرىنى رەتلەيدىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئەپلىك قورال.
WINمەشخۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ
خەنزۇچە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن، قاچىلاش ھاجەتسىز

• رەسىمنى ئاپتۇماتىك ھالدا ئانالىز قىىپ، رەسمىدىكى يۇرۇق ۋە تۇتۇق ئۇقۇملارنى تۈزىتىش
• تۇتۇق رەڭلەرنى كۈچەيتىش، رەڭ پەرقىنى ۋە جانلىقلىقنى ئاشۇرۇش
• رەسىمنىڭ رەڭلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش
• كۈچلۈك مۇكەممەل گەۋدە ئىقتىدارىغا ئىگە
• بەل ئىنچىكىلەشتۈرۈش، كۆكرەك چوڭايتىش، پۇت ئۇزارتىش
• كونا رەسىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رەڭ تەڭشەش، ئالدىن بەلگىلەنگەن تەنشىگۈچلەر قاتارلىق ئىقتىدارلارمۇ بار
• كۆپ رەسىمنى توپ بىجىرىشنى قوللايدۇ
• قىسقىسى ناھايىتى كۆپ ئىقتىدارلارغا ئىگە ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك.


تىز سۈرئەتتە رەسم تەھرىرلەشكە بۇلىدۇ.
ناچار رەسىملەرگە ياق دەڭ! ھازىر، ھەتتا سىز ھېچقانداق رەتلەش قوراللىرىنى بىلمىسىڭىزمۇ، بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە مۇكەممەل رەسىملەرنى ياراتالايسىز. تەييار ئۈنۈملەرنى قوللىنىپ رەسىملەرنى ياخشىلاڭ، رەسىملەرنىڭ رەڭلىرىنى، سۈزۈكلۈكىنى ۋە رەڭ پەرقىنى ئۆزگەرتىڭ. رەسىمنى كېسىڭ، ئايلاندۇرۇڭ، تەتۈر قىلىڭ ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىڭ. سىناپ بېقىشتىن قورقماڭ؛ فوتوماستېر پروگراممىسىدا رەسىم تەھرىرلەش ئاددىي ۋە قىزىقارلىق!
سودا ساھەسىدىكى رەسىملەرنىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.
كىشىلەر توپىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشنى ياقتۇرامسىز؟ گۈزەللەشتۈرۈش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ رەسىملىرىڭىزنى مۇكەممەل قىلىڭ: ئۆتكۈرلەشتۈرۈش ياكى غۇۋالاشتۇرۇش. مۇكەممەل سىلىق تېرە، تېخىمۇ ئىپادىلىك كۆز ۋە لەۋلەرنى ياراتالايسىز. ھەتتا كۆزىڭىزنىڭ رەڭگىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيسىز! پەقەت بىر چەكسىڭىز، كۆزىڭىز يېشىل ئەمەس، ئاسمان كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئىچكى سۈزگۈچلەرنى قوللىنىشنى ئۇنتۇماڭ. بۇ سېھىرلىك قوراللار ئەڭ ئاددىي رەسىملەرنى ھەقىقىي سەنئەت ئەسىرىگە ئايلاندۇرىدۇ.
تەسىرلىك مەنزىرە – 5 مىنۇتتا!
ھازىر بۇلۇتلۇق ئاسمان ئەمدى مەسىلە ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا رەسىملەردە شۇنداق. سەنئەت سۈزگۈچلىرىنى ئىشلىتىپ، ياز پەسلىدىكى مەنزىرىنى تېخىمۇ قۇياشلىق قىلىڭ، كۈز مەنزىرىسىگە بىر تامچە «بۇلۇتسىمان» قوشۇڭ. تەدرىجىي سۈزگۈچلەر تۇتۇق ئاسماننى پارلاق كۆك رەڭگە «قايتا سىزىپ» چىقىشىڭىزغا، ھەر قانداق مەنزىرىنى رەڭ بىلەن تولدۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. تامغا قۇرالىدىن پايدىلىنىپ رەسىمدىكى كېرەكسىز تەپسىلاتلارنى ئاسانلا چىقىرىۋېتەلەيسىز. پەقەت رەسىم تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالىنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ، دەرھال تەھرىرلەشنى باشلاڭ!
كەسپىي رەڭ تۈزىتىش
رەڭلەر بىلەن ئويناڭ! فوتوماستېر پروگراممىسىدا، ھەر بىر رەڭ ئاھاڭىنىڭ پارامېتىرلىرىنى تەڭشەپ، رەسىملىرىڭىزگە يېڭى كەيپىيات يارىتالايسىز. سايىلەرنى ئىشلىتىپ كۈننىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىڭ – كۈندۈزدىكى رەسىملەر كېچىدىكى رەسىملەرگە ئايلىنىدۇ. بىر رەسىمنىڭ قانداق ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرۈڭ! رەڭنى، تويۇنۇشنى ئۆزگەرتىپ، رەڭ بۇيىقىنى تەڭشەڭ. نەتىجە ھەقىقەتەن سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ! ئەڭ مۇھىمى، سىز ئەمدى نەرسىلەرنى تاللاش ئۈچۈن ئاۋارە بولۇشىڭىز كېرەك ئەمەس.








