StartAllBack بولسا بىز تونۇيدىغان StartIsBack++ دىگەن باشلاش تىزىملىكىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان يۇمشاق دېتال بۇلۇپ، Windows 11 دە كونا نەشىردىكى مەنبە باشقۇرغۇچ، باشلاش تىزىملىكى، ۋەزىپە ئىستونى ۋە ئوڭ چەككەندە چىقىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى بىز ئىشلىتىپ كۈنۈپ قالغان بۇرۇنقى سېستىمىلارغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان يۇمشاق دىتال. بۇنى ئىشلەتكەندىن كېيىن يېڭى نەشىردىكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى بەزى خاتالىقلارنى ھەل قىلالايدۇ ۋە سىستېمىنىڭ قېتىپ قېلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدۇ.

يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغاندىن كېيىنكى ھاسىللانغان ئۈنۈملەردىن بىر قىسىم كەسمە سۈرەتلەر

قاچىلاش ئۇسۇلى
قاچىلاش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي، قىسقىچە دېگەندە:
1. چۈشۈرۈلگەن قاچىلاش بوغچىسىنى ئېچىڭ
2. باشقۇرغۇچى ھوقۇقىغا يول قويۇڭ.
3. ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، نۆۋەتتىكى قوللانغۇچى ياكى بارلىق قوللانغۇچىلار ئۈچۈن قاچىلاشنى تاللاڭ.
4. تاللىغاندىن كېيىن مەنبە باشقۇرغۇچ قايتا قوزغىلىدۇ، بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن قاچىلاش پروگراممىسى ئۆزلۈكىدىن چېكىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا باشلاش تىزىملىكىنى ئوڭ چەككەندە ياكى Windows+X كۇنۇپكىسىنى باسقاندا، ئەڭ ئاستىدا «خاسلىق» تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ. بۇنى چېكىپ «StartAllBack تەڭشىكى» كۆزنىكىنى ئېچىپ، شەخسىيلەشتۈرۈش تەڭشەكلىرىنى قىلالايسىز.
# ئىقتىدار تونۇشتۇرۇشى
قارشى ئېلىش كۆرۈنۈشى: بىر چېكىش بىلەن Windows 11/10/7 تولۇق تېما ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرالايسىز.
باشلاش تىزىملىكى: باشلاش تىزىملىكى ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش، ئەپلەرنىڭ كۆرسىتىلىشى ۋە تىزىملىك تۈرلىرىنى ئۆزىڭىزچە بەلگىلەش.
ۋەزىپە ئىستونى تۈرلىرى: ۋەزىپە ئىستونى ئۇسلۇبى، سىنبەلگە چوڭلۇقى ۋە ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىش؛ باشلاش تىزىملىكى سىنبەلگىسىنى ئۆزگەرتىش؛ كلاسسىك ئاتلاش تىزىملىكىنى ئېچىش/تاقاش؛ ۋەزىپە ئىستونىنى بىرلەشتۈرۈش، ئوتتۇرىغا قويۇش، سۈزۈك قىلىش ۋە گۇرۇپپىلاش.
مەنبە كۆزنىكى: مەنبە باشقۇرغۇچنىڭ ئۈستى قىسمى ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش؛ مەنبە باشقۇرغۇچ ئۈستىدىكى ئۈنۈمىنى، ئوڭ تەرەپتىكى كلاسسىك ئىزدەش رامكىسىنى، ئاستى قىسمىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇر كۆرۈنۈش رامكىسىنى ئېچىش/تاقاش. كلاسسىك ئوڭ چېكىش تىزىملىكىنى، تاللانغاندا تەكىتلەنگەن رەڭنى ئىشلىتىشنى ئېچىش/تاقاش.
باشقا تەڭشەكلەر: باشلاش تىزىملىكى ۋە ۋەزىپە ئىستونىنىڭ رەڭگى ۋە سۈزۈكلۈكىنى ئۆزگەرتىش؛ سىستېمىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان تۈرلەر، پروگراممىلار ۋە ئاتلاش تىزىملىكى تۈرلىرىنىڭ سانىنى ساقلىشىنى ئۆزگەرتىش؛ بۇ پروگراممىنى چەكلەش.
