Autodesk Alias Design بولسا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى لايىھەلەيدىغان كۈچلۈك يۇمشاق دېتال. بۇ دېتالنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى جىسىمنىڭ سىرتقى كۈرۈنۈشىنى مودېللاش، يەنى مەھسۇلاتلارنىڭ سىرتقى قېپى ياكى تاشقى قاتلىمىنى ياساشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك. مەسىلەن، بىر يېڭى ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى لايىھەلىگەندە، ماشىنىنىڭ گەۋدىسى، قاپقىقى، ئىشىكلىرى قاتارلىق ھەر بىر قىسمىنىڭ ئەگرى-توقاي يۈزەيلىرىنى ناھايىتى نەپىس ۋە دەل-دەل ياساشقا بولىدۇ. بۇ دېتال Autodesk شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل، تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى لايىھەلەشتە كەڭ قوللىنىلماقتا. كەسپىي ئىجادىيەتچىلەر ۋە لاھىيەلىگۈچىلەر بۇ دېتال ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي پىكىرلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ.
يۇمشاق دېتال نامى: Alias Design 2018
سىغىمى:2.09G
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

