DR4.0+5.0(Digital Retouch 4.0+5.0) – فوتوشوپنىڭ پورترېت رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەخسۇسلاشتۇرۇلغان داڭلىق قىستۇرمىسى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ. بۇ قىستۇرما تېرىنى سىلىقلاش جەھەتتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، تېرىدىكى ئىنچىكە قىسىملارنى ساقلىغان ئاساستا تېرىدىكى نۇقسانلارنى يوقىتىپ، تەبىئىي ۋە سۈپەتلىك كۆرۈنۈشكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، تېرىنى سىلىقلىغاندا مەسىلەن مەڭ، سەپكۈن، قورۇق قاتارلىق تېرىدىكى ئالاھىدە بەلگىلەرنى ساقلاپ قالالايدۇ، شۇڭا رەسىم تېخىمۇ تەبىئىي ۋە راست چىقىدۇ. بۇ قىستۇرما سودا سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ۋە رەسىم بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئارىسىدا «تېرە سىلىقلاش پادىشاھى» دەپ تونۇلغان.Adobe Photoshop:CC2017 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرىدە نورمال ئىشلەيدۇ.


