AE/PR نىڭ تىتىرەپ كەتكەن كۈرۈنۈشنى مۇقۇمداش قىستۇرمىسى proDAD Mercalli v4.0.487.1 بولسا ئۆزگىچە ھىساپلاش ئۇسۇلى، خىزمەت جەريانىدا ئىچكى ساقلىغۇچقا ھەددىدىن زىيادە بېسىم چۈشۈرمەسلىكى GPU ھىساپلاشنى قوللىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان، مەيلى قانچىلىك تىتىرەپ كەتكەن سىن بولسۇن بۇ قىستۇرمىدىن پايدىلىنىپ سۈرەتنى مۇقۇم ھالەتتە كۆرسىتىش مۇمكىن، بۇنداق دىسە ئەمدى 360 گىرادوس ئايلاندۇرۇپ ئېلىنغان سۈرەتنى دەپ ئويلىۋالماڭلار، دىمەكچى بولغىنى پەقەت سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدىكى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تىتىرەپ كەتكەن سىن كۈرۈنۈشلەرنى دىمەكچى، تۈۋەندىكى ئۆلگە سىندا كۆرسىتىلگەندەك.
مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ بۇ نەشىرى پەقەت Win مەشخۇلات سېستىمىسىدىلا نورمال ئىشلەيدىغان بۇلۇپ، قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللار نەشىرى تۈۋەندىكىچە:
Adobe After Effects CC 2017,CC 2018,CC2019, 2020,2021 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
Adobe Premiere Pro CC 2017,CC 2018,CC2019, 2020,2021 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
