ACDSee 2021 بولسا ACD Systems شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان بىر خىل رەقەملىك رەسىم كۈرۈش، باشقۇرۇش ۋە تەھرىرلەش دېتالى بۇلۇپ بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ رەسىملىرىڭىزنى قۇلايلىق ھالدا باشقۇرالايسىز. ئۇندىن باشقا يەنە بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىرونلۇق فوتو ئالبوم ياسىيالايسىز، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ يەنە سىخىما شەكلىدە ھۆججەت باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ رەسىملىرىڭىزنى قۇلايلىق ھالدا باشقۇرالايسىز، كۆپ خىل سۈرەت فورماتىنى قوللايدۇ، سۈرەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېز كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ، سۈرەتلەرنى ئېكراندا تولۇق كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ، ئۇندىن باشقا يەنە GIF ھەركەتچان سۈرەتنى قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇندىن باشقا يەنە سۈرەتلەرنىڭ ئوڭ-تەتۈر، يۇقۇرى-تۈۋەن ھالەتتە كۈرۈنۈشىنى تەڭشىگىلى بۇلىدۇ، ئاددىي سۈرەت تەھرىرلەش (ئۆزگەرتىش، كېسىش) ۋە سۈرەتلەرنى كىسىش تاختىسىغا كۆچۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان ھۆججەت نامىنى بىراقلا ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ، رەسىملەرنى توردا ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، رەسىملەرنى بېسىپ چىقىرىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان سۈرەت قېلىپلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
يۇمشاق دېتال نامى: ACDSee 2021
سىغىمى: 266MB
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

