ON1 Portrait AI 2022 – سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا ئاساسلانغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق سىز رەسىمدىكى يۈز-چىراي ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك ھالدا تونۇتۇپ، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا تېرە سىلىقلاش، مەڭ-قورۇقلارنى يوقىتىش، يۈز شەكلىنى تەڭشەش، كۆز-چىش رەڭگىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئاسانلا يىتەلەيسىز. ئۇنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ئۇ چوڭقۇر ئۆگىنىش تېخنىكىسى ئارقىلىق يۈزنى ناھايىتى تېز ۋە توغرا بايقاپ، تەبىئىي كۆرۈنۈشنى ساقلىغان ئاساستا گۈزەللەشتۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنى مۇستەقىل ھالدا ياكى Adobe Photoshop,Lightroom,Adobe Photoshop Elements,Affinity Photo,Corel Paintshop Pro ۋە Apple Photos قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارغا قوشۇمچە دېتال يەنى قىستۇرما شەكلىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن رەسىملەرنى بىراقلا بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
مەزمۇر نەشىرى ئالما مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە win مەشخۇلات سېستىمىسىدا نورمال ئىشلەيدۇ.
مۇبادا photoshop نىڭ قىستۇرمىسى قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز PS2020 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرىنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.




