بۇ تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان سىستېما پەقەت شەخسىي ئۆگىنىش ۋە سىناش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. چۈشۈرگەندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈۋېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بارلىق سىستېمىلار ئاكتىپلانمىغان بولۇپ، Microsoft نىڭ ئەسلى نۇسخا ئاچقۇچىنى سېتىۋېلىشىڭىزنى قوللايمىز.
دىققەت:بۇ نۇسخا يېڭىلانما قوبۇل قىلالمايدۇ. رەسمىي Windows 11 24H2 نۇسخىسى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، 12-15 ئەۋلاد CPU لىق كومپيۇتېرلاردا ئىشلىتىشكە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ نۇسخا Windows11 نىڭ قاتتىق دېتال تەكشۈرۈشدىن ئاپتوماتىك ئاتلايدۇ، ئۆزى ھېسابات قۇرۇش ئارقىلىق تورسىز مۇھىتتا قاچىلاش ۋە Microsoft ھېسابات نۇمۇرى تىزىملىتىشتىن ئاتلاپ كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئارقا سۇپىدا دائىم ئىجرا بۇلىدىغان پىروگراممىلار ۋە مۇلازىمەتلەر ئەلالاشتۇرۇلغان، كۈندىلىك ئاز ئىشلىتىلىدىغان بۆلەكلەر ئىخچاملاشتۇرۇلغان. سۈرئەت ۋە ئىقتىدارى ئەسلى نۇسخىدىن ياخشىراق. مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن سىستېما تور ئۇلانمىغان ھالەتتە ئىخچاملاشتۇرۇلغان ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان، ئىككىنچى قېتىم قاپلانمىغان. سىستېما پاكىز، تېز، ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى يوق. ئىشخانا خىزمەتلىرىگە ئاساسەن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دوستلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى ۋە پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز!
Windows 11 24H2 نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى:
كۆرۈنمە يۈز ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە: Windows 11 24H2 نىڭ ھۆججەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى چوڭ دەرىجىدە يېڭىلاندى. كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ ئاددىي ۋە ئېنىق، تۈرگە ئايرىش، ئىزدەش ۋە ئالدىن كۆرۈش تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، سىستېما كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ گۈزەل ۋە ئىشلىتىشكە قۇلاي، HDR تەگلىك رەسىم ۋە ياخشىلانغان باشلاش تىزىملىكىنى قوللاپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىقتىدار جەھەتتە: Windows 11 24H2 چوڭ ھۆججەت ۋە چوڭ ھۆججەت قىسقۇچلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈرئەت چۈشۈپ كېتىش ۋە كېچىكىش ھادىسىسىنى ئازايتىپ، تېخىمۇ راۋان مەشغۇلات تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يادرو ئۆزگەرتىلىپ WiFi 7 نى قوللايدىغان بولدى، سىستېمىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىمسىز تور سۈرئىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تور ئۇلىنىشقا ئېھتىياجلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ.
يېڭى ئىقتىدارلار جەھەتتە: Windows 11 24H2 يېقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارغا تېز زىيارەت قىلىش ئىقتىدارى، شۇنداقلا تېخىمۇ تىز بولغان ھۆججەت ئىزدەش تەۋسىيەسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ھۆججەت باشقۇرۇشنىڭ قۇلايلىقىنى ئۆستۈردى.
Windows ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ سىستېما، ئىشلىتىش جەريانىدا ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ چىقىشى مۇقەررەر. بەزى مەسىلىلەر ئىخچاملاش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتىن كېيىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولماسلىقى مۇمكىن. ئىخچاملاش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتىن باشقا، بۇ مەسىلىلەر كومپيۇتېر سەپلىمىسى، قاتتىق دېتال ماسلىشىشچانلىقى، قوزغاتقۇچ نۇسخىسى، 360 خوجىدارى قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ئەلالاشتۇرۇش قۇراللىرى ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇش، باشقا پىروگرامما ۋە قاچىلاش قوراللىرى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئىخچام نۇسخىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز ياكى مەسىلىگە دۇچ كېلىشتىن ساقلانماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئەسلى نۇسخىنى سىناپ، مەسىلە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن بۇ بەتتىكى ئىخچام سىستېمىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ھەممەيلەننىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا رەھمەت.
سېستىمىغا مۇناسىۋەتلىك كەسمە سۈرەتلەر:












