Retouch4me – سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قوللانغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللار توپلىمى بولۇپ، ئۇ جەمئىي 13 خىل قوشۇمچە دېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ توپلام ئاساسلىقى پورترېت رەسىملەرنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، تېرىنى سىلىقلاش، يۈزنى ئاقارتىش، مەڭ-داغلارنى يوقىتىش، چاچ-قاشلارنى رەتلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ھەر بىر قوشۇمچە دېتال مەلۇم بىر ئىقتىدارغا مەخسۇسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رەسىمنى تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە يۇقىرى سۈپەتتە بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال توپلىمى Win مەشخلات سېستىمىسىدا نورمال ئىشلەيدىغان بۇلۇپ Adobe Photoshop CC2017 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرىدە بىللە ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ. قىستۇرما توپلىمى بىر كونوپكا بىلەنلا قاچىلىنىدىغان بۇلۇپ، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن مۇرەككەپ بولغان تەڭشەش جەريانىلىرىنى قىلىشڭىزنىڭ زۈرۈرىيتى يوق.
مەزكۇر نەشىرىگە قۇشۇلغان ئىككى خىل فىلتىر ئۈنۈمى تۈۋەندىكىچە:
Retouch4me Mattifier 1.019 بىر كونوپكا بىلەن سۈرەتتىكى كۈچلۈك يۇرۇقلۇقنى بىر تەرەپ قىلىش قىستۇرمىسى
Retouch4me Color Match 1.019 رەڭ ماسلاشتۇرۇش قىستۇرمىسى
تۈۋەندىكى تۆت خىل فىلتىر ئۈنۈمىنىڭ نەشىرى يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى
Retouch4me Heal 1.019
Retouch4me Clean Backdrop 1.019
Retouch4me Portrait Volumes V1.020
Retouch4me Skin Mask Plug-in for Photoshop V1.200
ئەسكەرتىش:
مەزكۇر كىڭەيتمە قىستۇرما بىر كونوپكا بىلەنلا قاچىلىنىدىغان بۇلۇپ، بىر قىىسم پارامىتىرلا قىستۇرما مۇقۇملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان، قىستۇرمىدا بەلكىم بىر قىىسم BUG لار بۇلىشى مۇمكىن، سېتىۋېلىشتىم بۇرۇن ئەستايىدىل ئويلۇشۇڭ











