iPixSoft Flash Slideshow Creator بولسا ياخشى بىر Flash ئېلېكترونلۇق ئالبوم ياساش قورالى بولۇپ، بۇ پروگرامما بىزگە رەسىملەرنى پىرويكىسيە ئۈنۈملۈك Flash ئېلېكترونلۇق ئالبومغا ئايلاندۇرۇشقا يول قويىدۇ. ئارقا سۇپا مۇزىكىسى قوشالايمىز، كۆرۈنۈش ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تەڭشىيەلەيمىز، ۋە پروگراممىدا ھەر خىل بېزەش رەسىملىرى ۋە ئۈلگىلەر بار بولۇپ، Flash ئېلېكترونلۇق ئالبوملىرىمىزنى تېخىمۇ جانلىق قىلالايمىز. ياسالغان ئالبوملارنى كۆپ خىل شەكىلدە چىقىرالايمىز، مەسىلەن: SWF ھەرىكەتلىك ھۆججەت، EXE ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان پروگرامما، ئېكران قوغداش پروگراممىسى قاتارلىقلار، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتەلەيمىز.

ھەممىڭلارنىڭ كومپيۇتېرىدا چوقۇم نۇرغۇن ساقلانغان رەقەملىك رەسىملەر بار. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ بۇ قىممەتلىك رەقەملىك رەسىملەرنى ياخشى ئوراپ ئائىلە-دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە سىلەرگە بىر Flash ئالبوم ياساش قورالى – iPixSoft Flash Slideshow Creator نى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ قورال سىزنىڭ رەقەملىك رەسىملىرىڭىزنى جانلىق ھەرىكەتلىك ئالبومغا ئايلاندۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ، ئاندىن ئاڭلىغۇچى مۇزىكا قوشۇپ، ئالبومىڭىزنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلالايسىز.

iPixSoft Flash Slideshow Creator بىر Flash ئالبوم ۋە پىرويكىسيە ياساش قورالى بولۇپ، ئالاھىدە Flash شەكلىدىكى پىرويكىسيە ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە. پۈتۈن جەريان ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، پەقەت تۆت قەدەمدىلا Flash ئالبوم ياساشنى تاماملىيالايسىز. ياسىغان ھەرىكەتلىك ئالبومنى SWF ھەرىكەتلىك ھۆججەت، EXE ھۆججەت ۋە HTML ھۆججەت قىلىپ چىقىرالايسىز، ھەتتا ئېكران قوغداش پروگراممىسى ۋە ئېلېكترونلۇق خەت ئەۋەتىش ئارقىلىق دوستلىرىڭىزغا بىۋاسىتە ئەۋەتەلەيسىز.

بايانات: مەزكۇر بەتتە تارقىتىلغان قىسمەن ماتىرياللار تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان بۇلۇپ، ھەرقانداق شەخىس ياكى تەشكىلاتنىڭ ھەر قانداق باھانە سەۋەپ بىلەن خالىغانچە كۈچۈرپ تارقىتىشىغا ۋە ياكى باشقا بىلوگ، ئۈندىدار، ئاممىۋى سۇپىلاردا تارقىتىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ، بارلىق سۈرەت، سىن، ئاۋاز، يۇمشاق دېتال، قىستۇرما ... قاتارلىقلارنىڭ نەشىر ھۇقۇقى ئەسلى ئىگىسىگە تەۋە بۇلۇپ، مەزكۇر بەت پەقەت ئۈگۈنۈش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن. مۇبادا ئۆز ئالدىڭىزغا خالىغانچە سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتسىڭىز كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە، مەزكۇر بەت بۇ سەۋەپلىك كىلىپ چىققان ھېچقانداق ماجراغا مەسئۇل بولمايدۇ. مۇبادا نەشىر ھۇقۇقى دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن بىللە 1336747035@qq.com ئېلخەت ياكى تور بەت ئاستىدىكى ۋېيشىن نۇمۇرى بىلەن ئالاقىدە بۇلۇپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بۇلىدۇ. بىز 24 سائەت ئىچىدە ئۈچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ سىزنىڭ نەشىر ھۇقۇقىڭىزنى قوغدايمىز.