بۇ نۇسخا نورمال ياماق يىڭىلاشنى قوللايدۇ، يەنى بۇرۇنقى ئاددىيلاشتۇرۇش ئاساسىدا قايتىدىن پىلانلىنىپ ئادديىلاشتۇرۇلغان نۇسخا بۇلۇپ ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مۇقىم! مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن سىستېما پۈتۈنلەي يېپىق مۇھىتتا قايتدىن ئاددىيلاشتۇرۇلغان، ئىككىنچى قېتىم قايتا قاپلانمىغان. سىستېما پاكىز، تېز، ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللار قۇشۇلمىغان.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، چوقۇم ئوقۇڭ!!!!
مۇبادا سېستىما يىڭىلاشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز، سېستىما يىڭىلاش مەغلۇپ بولسا بۇ نەچچە كۈنلۈك تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئەگەر IE توركۆرگۈنى ئەسلىگە كەلتۈرسە (ieframe.dll نى ئالماشتۇرسا)، يامىقىنى يېڭىلىيالمايدۇ، يېڭىلاش مەغلۇپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىلىيەلەيدىغان نۇسخىسى IE توركۆرگۈنى ئەسلىگە كەلتۈرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە EDGE توركۆرگۈنى ساقلاپ قالىدۇ. IE نى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولغانلار EDGE ئىچىدە IE ھالىتىنى ئىشلىتىپ ئېچىش ئارقىلىق ئىشلىتەلەيدۇ، ئۈنۈمى ئوخشاش. گەرچە EDGE نى ساقلاپ قالسىمۇ، ISO ھەجىمى ئاددىيلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى بىلەن ئانچە پەرقى يوق.
1. PE سىستېمىسى ئاستىدا WinNTSetup پروگراممىسىنى ئىشلىتىپ قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.بۇنىڭ ئۈچۈن تەۋسىيە «سېستىمام تورى»تەۋسىيەلىگەن سېستىما قاچىلاش قۇرالى سېستىمام تورى تەۋسىيەلىگەن PEقۇرالىنى چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدا ھازىر گەرچە بۇنداق قۇراللار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن مەنپەت ۋە تەشۋىقاتنى ئويلۇشۇپ ئېلان قىستۇرۋالىدىغان ئىشلار بەك جېقكەن، شۇڭلاشقا ئۆزىمىز سىناقتىن ئۆتكەننى سىزگە تەۋسىيەلىدۇق.
2. Rufus ئىشلىتىپ سۈرەتنى U دىسكىغا كۈچۈرۈپ قاچىلاڭ.
3. PE ئاستىدا DISM++ ئىشلىتىپ قاچىلاڭ.4. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، باشقا قوراللارنى تەۋسىيە قىلمايمىز، بولمىسا ھەر خىل مەسىلىلەر چىقىشى مۇمكىن.
سېستىمىغا مۇناسىۋەتلىك كەسمە سۈرەتلەر:

