3D Studio Max – ئۈچ ئۆلچەملىك گرافىك ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان كەسپىي يۇمشاق دېتال. بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۈچ ئۆلچەملىك شەكىللەر، بىنالار، بۇيۇملار، ئادەم ۋە جانلىقلارنىڭ مودېللىرىنى ياساشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق بېرىش، ماتېرىيال قوللىنىش، ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە ئانىماتسىيە ياساش قاتارلىق كۈچلۈك ئىقتىدارلار بار. بۇ يۇمشاق دېتالنى ئاساسلىقى ئويۇن ياسىغۇچىلار، كىنو-تېلېۋىزىيە ئۈنۈملىرى ياسىغۇچىلار، بىناكارلىق لايىھىلىگۈچىلەر ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرى لايىھىلىگۈچىلەر كۆپ ئىشلىتىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال ئۆگىنىشكە مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىقتىدارلىرى ۋە كەڭ قوللىنىش دائىرىسى تۈپەيلىدىن، ئۈچ ئۆلچەملىك گرافىكا ساھەسىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
يۇمشاق دېتال نامى: 3D Studio Max 2011
سىغىمى:1.21G
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

