EDIUS – سىن مونتاژ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، دەسلەپتە ياپونىيەنىڭ Grass Valley شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان. 2020-يىلى ئامېرىكىنىڭ Belden شىركىتى بۇ يۇمشاق دېتالنى سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىسى يەنىلا ياپونىيەدە. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى سىنلارنى تېز بىر تەرەپ قىلالايدۇ ۋە كومپيۇتېرنى بەك ئېغىرلاشتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭدا سىن كېسىش، ئۆتكۈنچى ئۈنۈملەر قوشۇش، يېزىق-خەت قوشۇش، ئاۋاز تەڭشەش قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىدارلار بار. يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىش ئاسان بولغاچقا، كىچىك سىن ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ۋە مۇستەقىل سىن ئىشلىگۈچىلەرمۇ كۆپ ئىشلىتىدۇ.
يۇمشاق دېتال نامى: EDIUS 9.0
سىغىمى:793MB
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

