چوڭقۇر ئۆگىنىش تېخنىكىسىغا ئاساسلانغان بىر AI سۈرەت ئوڭشاش قورالى. ئۇ ئۈچ خىل شەكىللەندۈرگۈچى سۈنئىي ئەقىل مودېلى ئارقىلىق، سۈرەتنىڭ ئېنىقلىقى ۋە ئۆتكۈرلۈكىنى ئاپتوماتىك ئۆستۈرەلەيدۇ، شاۋقۇن تۆۋەنلىتىش، دانچىلارنى يوقىتىش، پىكسېللىشىشنى تۈگىتىش ۋە 8 ھەسسە چوڭايتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوللايدۇ. ئۇ يەنە سۈرەتتىكى شاۋقۇن ۋە غۇۋالىق مەسىلىلىرىنى ئوڭشاپ، سۈرەت ياكى رەسىملىرىڭىزنىڭ تەپسىلاتلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىدۇ.

ئەنئەنىۋى سۈرەت چوڭايتقۇچلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Aiarty Image Enhancer نىڭ ئەستايىدىل ئاپتۇماتلاشتۇرۇلغان AI مودېلى، سىزنىڭ پەقەت مائۇسنى بىر قانچە قېتىم چەككەندىلا، ئىنتايىن تۆۋەن CPU/GPU ئىشلىتىش نىسبىتىدە ئەڭ ياخشى تەپسىلاتلىق سۈرەتلەرنى ھاسىل قىلالىشىڭىزغا يول قويىدۇ. Topaz Gigapixel AI بۇ يۇمشاق دېتالغا سېلىشتۇرغاندا، ئىجرا قىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، سۈرەت چىقىرىش سۈرئىتىمۇ تېخىمۇ تېز. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە AMD، Intel ۋە NVIDIA گرافىك كارتا قاتتىق دېتال تېزلەتكۈچىنى قوللايدۇ، 12 مىنۇت ئىچىدە 100 پارچە سۈرەتنى توپ ھالدا بىر تەرەپ قىلالايدۇ، ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى!

ئۈچ خىل AI تەپسىلات كۈچەيتىش مودېلى

Aiarty Image Enhancer ھەر خىل تىپتىكى سۈرەتلەرنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئۈچ خىل AI مودېلىنى تەمىنلەيدۇ:
More-Detail GAN (تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات شەكىللەندۈرۈش مودېلى): كۆرۈنۈش تەپسىلاتلىرىنى ئۆستۈرۈش، ئۆتكۈرلۈكنى ئاشۇرۇش، غۇۋالىقنى يوقىتىش ۋە شاۋقۇن تۆۋەنلىتىش، ئادەم چىراي تېرىسى ۋە چاچ تەپسىلاتلىرىنى ئاپتۇماتىك تۈزەش.
Smooth Diff (سۈرەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش): سۈرەتنىڭ يۇقىرى سۈپىتى ۋە ئېنىقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، لاھىيە ئۈنۈم سۈرەتلەرنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىش.
Real-Photo (سۈرەت ئوڭشاش): سۈرەت ئېنىقلىقىنى ئاپتۇماتىك ھالدا يۇقۇرى كۈتۈرش، كۆرۈنۈش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، غۇۋا تېكىستۇرالارنى ئوڭشاش.

 

بۇرۇنقى نەشىرىلىرى:

سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدارلىق سۈرەت ئىنىقلىقىنى يۇقۇرى كۈتۈرىدىغان يۇمشاق دېتال Aiarty Image Enhancer3.2

بايانات: مەزكۇر بەتتە تارقىتىلغان قىسمەن ماتىرياللار تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان بۇلۇپ، ھەرقانداق شەخىس ياكى تەشكىلاتنىڭ ھەر قانداق باھانە سەۋەپ بىلەن خالىغانچە كۈچۈرپ تارقىتىشىغا ۋە ياكى باشقا بىلوگ، ئۈندىدار، ئاممىۋى سۇپىلاردا تارقىتىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ، بارلىق سۈرەت، سىن، ئاۋاز، يۇمشاق دېتال، قىستۇرما ... قاتارلىقلارنىڭ نەشىر ھۇقۇقى ئەسلى ئىگىسىگە تەۋە بۇلۇپ، مەزكۇر بەت پەقەت ئۈگۈنۈش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن. مۇبادا ئۆز ئالدىڭىزغا خالىغانچە سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتسىڭىز كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە، مەزكۇر بەت بۇ سەۋەپلىك كىلىپ چىققان ھېچقانداق ماجراغا مەسئۇل بولمايدۇ. مۇبادا نەشىر ھۇقۇقى دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن بىللە 1336747035@qq.com ئېلخەت ياكى تور بەت ئاستىدىكى ۋېيشىن نۇمۇرى بىلەن ئالاقىدە بۇلۇپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بۇلىدۇ. بىز 24 سائەت ئىچىدە ئۈچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ سىزنىڭ نەشىر ھۇقۇقىڭىزنى قوغدايمىز.