Topaz Photo AI بولسا سۈنئىي ئىدراك (AI) قا ئاساسلانغان كۈچلۈك رەسىم تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، سۈنئىي ئىدراكتىن پايدىلىنىپ رەسىملىرىڭىزنى ئاپتوماتىك تەڭشەپ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئۈنۈم، شاۋقۇننى تۈگىتىش ۋە رەسىمنى ئاپتوماتىك پەردازلاش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىغا ئاساسلانغان بۇ يۇمشاق دېتال، سۈرەتتىكى نازۇك ھالقىلارغا ھېچقانداق تەسىر قىلماستىن، رەسىمدىكى رەقەملىك شاۋقۇننى تېپىپ يوقىتالايدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ سېستىما ۋە كومپىيۇتىر يۇمشاق دېتالىغا نىسپەتەن تەلىپى تۈۋەندىكىچە:


يۇمشاق دېتال ئالاھىدىلىكى:
ئاپتوماتىك تەڭشەش: سۈنئىي ئىدراك (AI) نىڭ رەڭ، نۇر مىقدارى ۋە باشقا رەسىم ئېلېمېنتلىرىنى ئاپتوماتىك تەڭشىشىگە قويۇپ بېرىڭ، خىزمەتنى سىز ئۈچۈن ئۇ ئۆزى تاماملايدۇ.
ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان تەڭشەكلەر: سىز يەنىلا ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان تاللانمىلار ئارقىلىق تەھرىرلىرىڭىزنى كونترول قىلىپ، رەسىملىرىڭىزنى ئىنچىكە تەڭشىيەلەيسىز.
توپ بىر تەرەپ قىلىش:توپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ رەسىمنى تەھرىرلىيەلەيسىز.
ئالدىن بېكىتىلگەن تەڭشەكلەر (Presets): ھەر خىل ئالدىن بېكىتىلگەن تەڭشەكلەر ئىچىدىن تاللاپ، ئالدىن لايىھەلەنگەن تەھرىرلەرنى رەسىملىرىڭىزگە تېزلىكتە تەدبىقلىيالايسىز.
بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم ئۆلگە رەسىملەر:





