Enscape – بىناكارلىق لايىھەلىرىنى ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشكە ئايلاندۇرىدىغان يۇمشاق دېتال. بۇ يۇمشاق دېتال SketchUp، Revit، Rhino قاتارلىق لايىھەلەش يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن بىرگە ئىشلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، لايىھەلەرنى تېز سۈرئەتتە ھەقىقىي كۆرۈنۈشتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك رەسىمگە ئايلاندۇرالايدۇ. لايىھەلىگۈچىلەر ئۆز لايىھەلىرىنىڭ تاماملانغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشىنى دەرھال كۆرەلەيدۇ. يورۇقلۇق، سايە، ماتېرىيال ۋە مۇھىت ئۈنۈملىرىنى ھەقىقى كۆرگەندەك تەبىئىي ھالەتتە كۆرسىتەلەيدۇ.بۇ يۇمشاق دېتالنى ئاساسلىقى مېمارلار، بىناكارلىق لايىھىلىگۈچىلەر ۋە زەي-زىننەت لايىھىلىگۈچىلەر ئىشلىتىدۇ. خېرىدارلارغا لايىھە نەتىجىسىنى كۆرسىتىشتە بەك قۇلايلىق. شۇنداقلا، مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى ئارقىلىق بىنانىڭ ئىچىدە مېڭىپ ئايلىنىپ كۆرگىلىمۇ بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال نامى: Enscape 3.4
سىغىمى:233MB
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

