Davinci Resolve Studio – سىن مونتاژ، رەڭ تەڭشەش، ئاۋاز تەھرىرلەش ۋە ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يۇمشاق دېتالدا قىلالايدىغان ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يۇمشاق دېتال. بۇ يۇمشاق دېتال ئەسلىدە كىنو فىلىملەرنىڭ رەڭگىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھازىر تولۇق ئىقتىدارلىق سىن ئىشلەپچىقىرىش يۇمشاق دېتالىغا ئايلانغان. بۇنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، سىن ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھەممە ئىشنى بىرلا يۇمشاق دېتالدا تاماملىغىلى بولىدۇ، يەنى باشقا يۇمشاق دېتاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. شۇڭا كىنو شىركەتلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، تور مەزمۇنى ياسىغۇچىلار ۋە مۇستەقىل فىلىم ئىشلىقگۈچىلەر ئارىسىدا بارغانسېرى كۆپ ئىشلىتىلمەكتە.
يۇمشاق دېتال نامى: Davinci Resolve Studio 11
سىغىمى:214MB
يۇمشاق دېتال تىلى: 简体中文
مەشخۇلات سېستىما مۇھىيتى : Win7/Win8/Win10/Win11 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرى
ئەسكەرتىش: قاچىلاش جەريانىدا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور ياكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى تاقىۋېتىڭ شۇنداقلا كومپىيۇتىرىڭىزنى توردىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلىڭ.

