ON1 Portrait AI 2022 – سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا ئاساسلانغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق سىز رەسىمدىكى يۈز-چىراي ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك ھالدا تونۇتۇپ، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا تېرە سىلىقلاش، مەڭ-قورۇقلارنى يوقىتىش، يۈز شەكلىنى تەڭشەش، كۆز-چىش رەڭگىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئاسانلا يىتەلەيسىز. ئۇنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ئۇ چوڭقۇر ئۆگىنىش تېخنىكىسى ئارقىلىق يۈزنى ناھايىتى تېز ۋە توغرا بايقاپ، تەبىئىي كۆرۈنۈشنى ساقلىغان ئاساستا گۈزەللەشتۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنى مۇستەقىل ھالدا ياكى Adobe Photoshop,Lightroom,Adobe Photoshop Elements,Affinity Photo,Corel Paintshop Pro ۋە Apple Photos قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارغا قوشۇمچە دېتال يەنى قىستۇرما شەكلىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن رەسىملەرنى بىراقلا بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

مەزمۇر نەشىرى ئالما مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە win مەشخۇلات سېستىمىسىدا نورمال ئىشلەيدۇ.

مۇبادا photoshop نىڭ قىستۇرمىسى قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز PS2017 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرىنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.

بايانات: مەزكۇر بەتتە تارقىتىلغان قىسمەن ماتىرياللار تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان بۇلۇپ، ھەرقانداق شەخىس ياكى تەشكىلاتنىڭ ھەر قانداق باھانە سەۋەپ بىلەن خالىغانچە كۈچۈرپ تارقىتىشىغا ۋە ياكى باشقا بىلوگ، ئۈندىدار، ئاممىۋى سۇپىلاردا تارقىتىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ، بارلىق سۈرەت، سىن، ئاۋاز، يۇمشاق دېتال، قىستۇرما ... قاتارلىقلارنىڭ نەشىر ھۇقۇقى ئەسلى ئىگىسىگە تەۋە بۇلۇپ، مەزكۇر بەت پەقەت ئۈگۈنۈش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن. مۇبادا ئۆز ئالدىڭىزغا خالىغانچە سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتسىڭىز كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە، مەزكۇر بەت بۇ سەۋەپلىك كىلىپ چىققان ھېچقانداق ماجراغا مەسئۇل بولمايدۇ. مۇبادا نەشىر ھۇقۇقى دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن بىللە 1336747035@qq.com ئېلخەت ياكى تور بەت ئاستىدىكى ۋېيشىن نۇمۇرى بىلەن ئالاقىدە بۇلۇپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بۇلىدۇ. بىز 24 سائەت ئىچىدە ئۈچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ سىزنىڭ نەشىر ھۇقۇقىڭىزنى قوغدايمىز.